باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمى غەربىي رايوندا 27 مىڭ يۈەن ئۆستۈرۈلدى

2013.01.07 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى مەركەز مالىيەسى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچى مەكتەپلىرىدىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك تولۇقلىمىسى ئۈچۈن 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك تولۇقلىما دائىرىسىنى دۆلەتنىڭ مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلىرىغا قەدەر كېڭەيتىپ، يىللىق كىشى بېشى تولۇقلىما ئۆلچىمىنى غەربىي رايوندا 27 مىڭ يۈەن، ئوتتۇرا رايوندا 24 مىڭ يۈەن ئۆستۈرگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2006-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت يېزا مەجبورىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇپ، لاياقەتلىك ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، غەربىي رايوندىكى «ئىككى ئاساسەن» ئۆتكىلىنى ئۈستىگە ئالغان ناھىيەلەردىكى يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتكەن. مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ پىلان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش مىخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە