مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرىگە قاتناشقان تەيۋەن ياشلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2022.07.14 10:12 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرىگە قاتناشقان تەيۋەندىن كەلگەن ياش دوستلار:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلاردىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەرنىڭ دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن رىشتە باغلاپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئارزۇيۇڭلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە تېپىپ، ۋەتەننىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز بېشىڭلاردىن كەچۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن قىزغىن ھېسسىياتنى ھېس قىلغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.

  ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ياشلاردا. بىز ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۆگىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيمىز. سىلەرنىڭ تەيۋەن ياشلىرىغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كەچۈرمىشلىرىڭلار ۋە تەسىراتلىرىڭلارنى كۆپرەك ھەمبەھرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەن ياشلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ياشلار بىلەن بىر نىيەت، بىر سەپتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قەتئىي بوشاشماي، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ياشلىق باھارىڭلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جۇلالاندۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرىگە قاتناشقان تەيۋەن ياشلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن رىشتە باغلاپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئارزۇيۇڭلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە تېپىپ، ۋەتەننىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز بېشىڭلاردىن كەچۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن قىزغىن ھېسسىياتنى ھېس قىلغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ياشلاردا. بىز ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئىلگىرىكىدەكلا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۆگىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق بىلەن تەمىنلەيمىز. سىلەرنىڭ تەيۋەن ياشلىرىغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كەچۈرمىشلىرىڭلار ۋە تەسىراتلىرىڭلارنى كۆپرەك ھەمبەھرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەن ياشلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ياشلار بىلەن بىر نىيەت، بىر سەپتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قەتئىي بوشاشماي، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ياشلىق باھارىڭلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جۇلالاندۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرى 2003 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، تەيۋەن جۇڭخۇا ياشلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو گومىنداڭ ياشلار خىزمىتى باش جەمئىيىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا. 20 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ياشلار مۇنبىرى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە فۇجيەن شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى، تەكلىپكە بىنائەن بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە قاتناشقان تەيۋەندىن كەلگەن 50 نەپەر ياش يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ