مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك

ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى

2022.07.14 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بەزى رايون ۋە ساھەلەردە ھادىسە كۆپ يۈزبەردى، ساۋاق ناھايىتى چوڭقۇر. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، بىخەتەر تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تىجارەت خاراكتېرلىك ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز قاتارلىق بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قاتناش-تىرانسپورت، كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، سۇ ئۈستىدىكى كېمە-پاراخوت، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، ياخشى تۈزەتمىگەنلەرنى قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «خەۋپ -خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، 20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، توسۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەرلىك مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن يەنىلا داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. جەزمەن سەگەك تونۇشنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېغىر بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى 15 قاتتىق تەدبىرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى توسۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تۈزەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشتە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بىرلەشمە ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، كۆرۈنمەس رايوندىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، خەۋپ- خەتەرنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە نەق مەيداندا نازارەت قىلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش» كېرەك. مۇشۇنداق ئالاھىدە، ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە جەزمەن مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل، تەشەببۇسكار بولۇپ، ھەرىكەتنى تېز قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ