مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يىغىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئىستېمالىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى

2022.07.14 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشكە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى كۈچەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئىستېمالىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى. ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا بايلىق ياراتقىلى، كىرىمنى ئاشۇرغىلى، ئىستېمالغا تۈرتكە بولغىلى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 6-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى 4-، 5-ئايلاردىكىدىن ياخشىلىدى. لېكىن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولۇش كېرەك. بىرىنچى، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى پۇتلىكاشاڭلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قايتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ھۆددە ئېلىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچى، بازارلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى قوللاپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنى داۋاملىق تارقىتىش ھەمدە مالىيە ياردەم ئۆسۈمى بېرىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ مەيدان ئىجارىسى قاتارلىق ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بېكىتىلگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تور سىرتىدا قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. سىياسەت چىقىرىپ مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپىنى قوللاپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا «بىر ئادەمگە بىر سىياسەت» ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىشنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ تېزدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئىلگىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس خېسۈەن تەكشۈرۈشتە مۇسبەت بولغان سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنى كەمسىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىپ، بۇنداق كەمسىتىش ھادىسىسىدىن بىرنى بايقىسا، بىرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بەشىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ نازارەت قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزدە 200 مىليوندىن ئارتۇق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بار. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمۇ بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇپ، كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇپ، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش سۇپىسىغا تايىنىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش، يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، باشقا جايدا داۋالىنىش قاتارلىق قولايلىقلارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئىككىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، كەسپىي زەخمىگە كاپالەتلىك قىلىش سىنىقىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، نۆل سانائەت بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ نۆل ئىشچى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش بىلەن تەمىنلەشنى جىپسىلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تەربىيەلەشتە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى ۋە تەربىيەلەش مەزگىلىدىكى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىستېمال ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياج، ئىستېمالنى كېڭەيتىش ھەم ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. بازارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىستېمالنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. يولغا قويۇش داۋامىدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن چوڭ بازارنى قوغداپ، ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى قوللاپ، مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىك تالا تورى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، يېزا ئېلېكتىر تورىنى مۇستەھكەملەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ