مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش قارار قىلىندى؛ قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇلۇپ قالغان نۇقتىلارنىڭ راۋان ئايلىنىشىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى

2022.04.28 22:08 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش قارار قىلىندى؛ قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇلۇپ نۇقتىلارنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش شارائىتىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، بولۇپمۇ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلار ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەلەر قاتارلىقلارنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىرلىرىغا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قوللىنىش كېرەك. ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى كۈچەپ قوللاش كېرەك. كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى بەش ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەدىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تىجارەتتە قىيىنچىلىقتا قالغان بار بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە كېڭەيتىش لازىم. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قايتۇرۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %90 كە ئۆستۈرۈلىدۇ. جايلارنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە توك ئىشلىتىشتە باسقۇچلۇق ئېتىبار بېرىشىنى قوللاپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا كەڭ بەلباغلىق تور ۋە مەخسۇس لىنىيە ھەققىدە داۋاملىق ئېتىبار بېرىپ، توردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئائىلىدە ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئېلاستىك خىزمەت تۈزۈمى ھەققىدە كېڭىشىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئۈچىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار قاتارلىق «مىليون ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە پىراكتىكا قىلدۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىراكتىكا قىلدۇرغان ئورۇنلارغا تولۇقلىما بېرىش كېرەك. ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، يېزا تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇشنى كېڭەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە توردا كېلىشىم ئىمزالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەكتەپتىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ خىزمەتكە كىرىش، ئارخىپ يەتكۈزۈش، نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش لازىم. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئەمگەك توختامى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بىۋاسىتە نوپۇسقا ئېلىنسا بولىدۇ. ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش، ئۆسۈمنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق قوللاش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل توشمىغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدۇ؛ يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ۋاقىتلىق ئىشسىز قالغان، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كېرەك. بەشىنچى، جايلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنى قىلىپ، ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قاتناش ئەشيا ئوبوروتى بازار ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى. گوۋۇيۈەن يېقىندا قىسمەن رايونلاردا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىغا قارىتا خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، قاتناش تايانچ تورىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونىنى تولۇق ئېچىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئايرودۇرۇم، پورتلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇپىنى قوللاپ، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق كارخانىلارنىڭ تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ مىكرو ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇم سەۋەبىدىن تاقىۋېتىلگەن تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق تور-نۇقتىلارنىڭ تىجارەتنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا تاشيوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، نۇقتىلىق رايون، ساھە ۋە كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۇلاپ توشۇش پونكىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇچراشمايدىغان شەكىلدە ئۇلاپ توشۇشنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ماللىرى، ئىمپورت-ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، يۈك تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن يىل ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ. 100 مىليارد يۈەن قايتا قەرز بېرىپ، قاتناش-تىرانسپورت، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش كەسىپلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاشنى تېزدىن يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى مۇۋاپىق قوللاش لازىم. بەشىنچى، ئاپتوموبىل يول خېتى تارقىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تارقىتىش، تېز ئىلتىماس قىلىش، تېز بېجىرىش، مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى توشۇش جەريانىدا يادرو كىسلاتاسى ۋە ئانتىگېننى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ