مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بېكىتىلگەن سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.04.14 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4–ئاينىڭ 11–كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ، ئۆلكە باشلىقى يې جيەنچۈننىڭ ھەمراھلىقىدا نەنچاڭ، شاڭراۋلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق بېكىتىلگەن سىياسەت- تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇھىتىنىڭ كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆزگىرىشىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ماكرو ئىقتىساد چوڭ گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  گەنجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، لى كېچياڭ جياڭشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى خەلق تۇرمۇشىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغىرىش، سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى بولۇپ ھەم ھازىرغا پايدىلىق، ھەم ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدۇ. مەخسۇس تۈر زايومىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، كىرېدىت مەدىتىنى زورايتىپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەق مەيداندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر كۆپرەك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا كىرىمىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار ئەمگەكچان، سىلەر جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردىڭلار، تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىشىڭلار كېرەك.

  لى كېچياڭ جياڭشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇ نەنچاڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونىغا كېلىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن پاراڭلاشتى. بەزى كارخانىلار نەق پۇل ئوبوروتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئىنكاس قىلغاندا، لى كېچياڭ ئالاقىدار مەسئۇللارغا: بەزى كارخانىلار، بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىشتىكى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك، دېدى. ئۇ مېيفەن پەن-تېخنىكا شىركىتىگە كىرىپ، كارخانىنىڭ سۇپا ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئەمەلىي مەشغۇلات جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئىگىلەپ، سۇپىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ قوزغىتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەم بازار ئېچىشقا جۈرئەت قىلىشى، ھەم سەمىمىي بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ يىراق ماڭغىلى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ خېڭفېڭ ناھىيەسى دىڭجيا كەنتىگە كېلىپ، شال تىكىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ، دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىمىسى ۋە يەرلىكنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغىنىڭ دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاشلىق تېرىشنىڭ پايدىسى بار، تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتقىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، بولۇپمۇ قىس ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىق تېرىغاندا، ئەگەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولسا، دۆلەت يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ياردەم پۇلى بېرىش يېڭى تەدبىرىنى قوللىنىدۇ. ئاشلىق يېتەرلىك بولسا، دۆلەت خاتىرجەم بولىدۇ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شاڭراۋ شال تېرىقچىلىقىنىڭ تارىخى ئۇزاق، «مايسا ئېتىزىدا مول ھوسۇل ئېلىش»تا، ھازىر يەرگە كۆپرەك ئىشلىسە، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن كۆپرەك ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ جىلى يېڭى ئېنېرگىيەلىك سودا ئاپتوموبىلى شىركىتىدە يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېنېرگىيەنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە، ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، شۇڭا سۈپىتى يۇقىرى، بىخەتەرلىكى كۈچلۈك، بازار ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. لى كېچياڭ نەق مەيداندىكى يۈرۈشلەشكەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. كارخانىلار قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرۇشنىڭ دەل ۋاقتىدا ياغقان شىپالىق يامغۇر، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە يەنە يۈك توشۇشنىڭ توسالغۇغا ئۇچراپ، ئەشيا ئوبوروتنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى، مەھسۇلاتلارنىڭ توشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن ئامبار زاپىسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: باج قايتۇرۇش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، كارخانىلارنى بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. قاتناش غول تورى ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە، دۆلەت ئىچىدىكى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارمۇ يىراقنى كۆزلەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىش ئورنىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ جياڭشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ