مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 114-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىنى 4–ئاينىڭ 18–كۈنىدىن 20–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2022.04.13 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 114-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34–قېتىملىق يىغىنىنى 4- ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا زاكازمال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى لايىھەسى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، تەنتەربىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، قارا تۇپراقنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى.

  ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2023 -يىلى 3-ئايدا توشىدۇ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 2023 -يىلى 1-ئايدا سايلاپ چىقىلىدۇ. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى كېڭىشىپ سايلاش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېتنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ «2002-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سانكت پېتېربۇرگ(رۇسىيە فېدېراتسىيەسى)دا ئىمزالانغان <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېلىشىمى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ، «1930-يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىسى»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ، «1957-يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىسىنى بىكار قىلىش»قا قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپكە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى.كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېتنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ 2021-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2022- يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ خىزمەت تەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېت 34-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ