لى كېچياڭ جۇڭگو — پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئالاھىدە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2022.04.11 20:20 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە، جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئالاھىدە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سىن شەكلىدە جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئالاھىدە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ 2016-يىلى 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئېلان قىلغان جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى ئۇدا بەش يىل 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، بۇلتۇر 200 مىليارد دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەمكارلىقنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ، تەكرارلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچلىق، خەۋپ-خەتەردە بىللە بولۇپ، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ:

  بىرىنچى، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تىنچلىق ۋە مۇقىملىق — ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەختى، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۈز بەرسە، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمىسا، ھەرقايسى تەرەپلەرگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى، پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش لازىم. جۇڭگو پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى بىلەن ۋاكسىنا، دورا ۋە سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاۋمېندا جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، يەر شارى سەھىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدىكى، تۈزۈم تىپىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل سودا ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەمكارلىق پايدىسىنى ئورتاق زورايتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاۋمېن جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ. جۇڭگو ۋە پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  بۇ قېتىمقى ئالاھىدە يىغىننىڭ باش تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش» بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئانگولا، بىرازىلىيە، كابو ۋېردى، گىۋىنېيە بىسسائۇ، موزامبىك، پورتۇگالىيە، سان تومې ۋە پرىنسىپې، شەرقىي تىمور قاتارلىق پورتۇگال تىلىدا سۆزلىشىدىغان سەككىز دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يىغىنغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ