مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىنى ياخشى باشقۇرايلى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2022.04.13 08:55 مەنبە: خەلق تورى

  يەتتە يىل ئەجىر قىلىپ، جاسارەت بىلەن يەنە ئاتلاندۇق. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىراس نەتىجىلىرى مول بولدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە رايون تەرەققىياتىدا قوش مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دەپ كۆرسەتتى، «بىز پائال پىلانلاپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەييارلىق كۆرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا «ئولىمپىك 2020 ـ يىل قارالمىسى»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنياغا بىر نۆۋەت تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپلىگەن ساھەگە زور مىقداردا مىراس نەتىجىلىرىنى قالدۇردى. مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، بىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تېخىمۇ تولۇق بولۇش، تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق كۈچەش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يەتتە يىلدىن بۇيان، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش دۆلىتىمىز قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، «300 مىليون كىشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش» رېئاللىققا ئايلاندى، قار ـ مۇزلۇق ئاممىنى بېيىتىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «بايلىق»قا ئايلاندى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، مېيىپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى، كەڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ مول ۋە رەڭدار بولدى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، رايونىمىزنىڭ قاتنىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، كەسىپلەرنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇردى. «بىڭسىدەي» «شۆفېيتيەن» «شۆيوۋلۇڭ» «شۆرۇيى» قاتارلىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرى كاتتا قىياپەتتە نامايان بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئەلا سۈپەتلىك مال ـ مۈلۈككە ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدا نامايان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر، ئۇزاق ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكىدە نامايان بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەم مەيدان ـ ساراي، ئەسلىھە قاتارلىق ماددىي مىراسلار بار، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ئىختىساسلىقلار مىراسلىرى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك بايلىق، بۇلاردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك.» شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش بىر قېتىملىقلا سودا ئەمەس، ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مەيدان ـ سارايلار «تىمتاسلىققا چۆمگەن تاغ ئورمانلىقى»غا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قار ـ مۇز مەيدان ـ ئەسلىھەلىرىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قار ـ مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قار ـ مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى بېيىتىپ، ئاممىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى قىزغىنلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ زور ئىشەنچ ۋە تەمكىنلىك بىلەن جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  يەتتە يىلدىن بۇيانقى مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاجايىپ مۇساپىنى ئەسلىسەك، بىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كۈرەش قىلىش داۋامىدا مول مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتۇق. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، «جاسارەت، ئىرادە، رىغبەت، باراۋەرلىك»تىن ئىبارەت مېيىپلەر ئولىمپىك قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇردى، دۇنياغا «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقاتتى. ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش، مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ بوشاشماي ئالغا بېسىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۆزىنى بېغىشلاش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئولىمپىكنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ تەنتەربىيە قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.» تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش. بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. يېڭى مۇساپىدە، بىز خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن مىللەتنىڭ تەن ساپاسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيەنىڭ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تەنتەربىيە پەن ـ تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىن شەكىللەنگەن قىزغىنلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئەخلاق ـ پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم قويغان ھالقىلىق پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ مىللىي ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى، مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ ھېسسىياتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋر شان-شەرىپىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز!

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ