مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.04.12 23:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جياڭشىدا بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ، ئۆلكە باشلىقى يې جيەنچۈن سۆز قىلدى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى لېچېڭ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خاۋ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ چياڭ سىن ئارقىلىق سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ۋەزىيەتكە بولغان قارىشىنى دوكلات قىلدى ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشىۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى كۈچلۈك ئېلاستىكىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك، ھەم خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدىكى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەردىن، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، يېڭى خىرىسقا توغرا قاراش ۋە كەسكىن تاقابىل تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەشەببۇسكارلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش، مەخسۇس قەرزنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلاش، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالدىغا سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تېزلىتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا چوڭ ئىشلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىغا ياردەم بېرىپ يۆلەپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتە تېخىمۇ زور سىياسەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاخىرقى قەدەمدە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ھەرگىز كېچىكتۈرمەي، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولماسلىقنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بولغان تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رايونلارئارا، تارماقلارئارا جىپسىلىشىشنى كۈچەيتىپ، قاتناش تايانچ تورى، پورت قاتارلىقلارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ئاچقۇچلۇق ھالقا، نۇقتىلىق كارخانىلارغا قارىتا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تاشقى مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئىز قوغلاپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئېھتىياجغا ئاساسەن تېخىمۇ زور سالماق بىلەن سىياسەت-تەدبىر قوللىنىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. جايلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام بازار سۇبيېكتىغا يېقىن ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ سىياسەت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر كەسىپلەر، كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا -سانائەتچىلەرگە قارىتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىق قانچە كۆپ بولغانسېرى، بازار سۇبيېكتىنى شۇنچە ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش چارىسى ئارقىلىق مۇقىم، ئاشكارا، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، بازار كۆزلىمىسىگە پايدىسىز سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈش لازىم. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك.

  شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ