مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى

2022.04.01 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئافغانىستان كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى، ھەممە كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، مالىمانچىلىقنى تۈزەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئافغانىستان يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قوشنىسى ۋە ھەمراھى، بىز تاغ -دەريالىرى تۇتاش، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن ئافغانىستاننىڭ بولۇشى بارلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا بۇ رايون، دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قوشنىلار بىلەن يېقىن، دوستانە ئۆتۈش دۆلەت ئۈچۈن گۆھەردۇر». جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كەلدى. ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر ماسلاشتۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى بۇلتۇر 9-ئايدا ئورنىتىلغاندىن بۇيان، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى قوللىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ