شى جىنپىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتكۈل جەمئىيەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشى كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2022.04.01 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى خۇاڭسۈن بازىرىغا كېلىپ، پايتەختتىكى مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆچەت تىكمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  ■ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باشتىن - ئاخىر بىز ھارماي - تالماي ئىنتىلىدىغان نىشان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، ۋەتەننى كۆكەرتىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئېكولوگىيە مۆجىزىسىنى ياراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىدۇق، گۈزەل جۇڭگو ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاشنى بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، يەنىلا ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، جەزمەن قەتئىي بوشاشماسلىق، توختىماي ئىلگىرىلەش كېرەك

  ■ ئورمان − سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرىدۇر، ھازىر ئۇنىڭغا يەنە بىر «كاربون ئامبىرى» بولۇشنى قوشۇش كېرەك. ئورمان ۋە ئوتلاق دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىدە ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك رولغا ئىگە، ئورمان، ئوتلاق گۈللەنسە، ئېكولوگىيە گۈللىنىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ مۇھىتى ۋە كىلىماتىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن ئۇدا ئون يىل كۆپچىلىك بىلەن بىللە پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە قاتناشتىم، بۇنىڭدا ھەم گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۇرۇقىنى چېچىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىدىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن.

  زېمىن باھار تۈسىگە كىردى، بارلىق شەيئىلەر يېڭىلاندى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى خۇاڭسۈن بازىرىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە قاتناشتى.

  كۆچەت تىكىش نۇقتىسى داشىڭ شىنچېڭ شەھەر ئىستىراھەت باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1500 مو كېلىدۇ. بۇ ئەسلىدە سۇ ئامبىرى ساھىلىدىكى بىر پارچە يەر بولۇپ، نۆۋەتتە شەھەر باغچىسى قىلىپ پىلانلاندى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئامما ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان، تەبىئەتكە يېقىنلىشىدىغان ئېكولوگىيەلىك بوشلۇققا ئايلىنىدۇ.

  باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىش ئورنىغا قاراپ ماڭدى، ئارقىدىن بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىللە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  گۈرجەكتە توپا ئۇسۇش، كۆچەتكە توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكېلىپ سۇغىرىش... شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي، يېشىل شاپتۇل، ئاق مىخېلىيە دەرىخى، تاش ئالما، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن قاتارلىق نۇرغۇن كۆچەت تىكتى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلغاچ، بىر تەرەپتىن بالىلاردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشنى، «ئەمگەك»نىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقنى، كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەك ئېڭى، مۇھىت قوغداش ئېڭى، تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، كىچىك ياخشى ئىشلارنى كىچىك ئىشكەن دەپ قاراپ تاشلاپ قويماسلىقنى، كىچىك - كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى تاپىلىدى. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانى ئالدىراش مەنزىرىگە تولغانىدى، ئەمگەككە قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەتلەرگە توپا يۆلەپ سۇغاردى، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

  كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، شى جىنپىڭ مەيداندىكى كادىرلار، ئاممىغا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باشتىن - ئاخىر بىز ھارماي - تالماي ئىنتىلىدىغان نىشان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، ۋەتەننى كۆكەرتىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئېكولوگىيە مۆجىزىسىنى ياراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىدۇق، گۈزەل جۇڭگو ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاشنى بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، يەنىلا ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، جەزمەن قەتئىي بوشاشماسلىق، توختىماي ئىلگىرىلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورمان − سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرىدۇر، ھازىر ئۇنىڭغا يەنە بىر «كاربون ئامبىرى» بولۇشنى قوشۇش كېرەك. ئورمان ۋە ئوتلاق دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىدە ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك رولغا ئىگە، ئورمان، ئوتلاق گۈللەنسە، ئېكولوگىيە گۈللىنىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ مۇھىتى ۋە كىلىماتىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش، تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىنى ئىلمىي، تېجەشلىك، ئەمەلىي تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، گۈزەل تاغ - دەريالار ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ