خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچيا 3- ئاينىڭ 30–كۈنى ئانتونىئو كوستاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدا داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توختىماي تەكرارلىنىپ، دۇنياۋى خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو-پورتۇگالىيە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەمراھلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە ئىككى دۆلەت ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ