مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش مىنىستىرلىقلارئارا بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى، ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

2022.03.31 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەننىڭ ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش مىنىستىرلىقلارئارا بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى 3–ئاينىڭ 29–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادەم ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش __ ئائىلىنىڭ بەختى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئالداپ سېتىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەنلەرنى قۇتقۇزۇش، غەمخورلۇق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شەخسىي سىرىنى قوغداش، ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ئادەم ئالداپ سېتىش قەبىھ، رەھىمسىز قىلمىش بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى قەتئىي تۇتۇپ، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارايدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا بىرلەشتۈرۈپ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش مىنىستىرلىقلارئارا بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ باشلىقى جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئالداپ سېتىش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز جازالاپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغداپ، كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللىنى ئاساس قىلغان ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش خىزمەت سىستېمىسى ۋە ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەنلەرنى قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە جەمئىيەتكە قايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، پۇقرالار قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان، پەن-تېخنىكا تىرەك بولىدىغان» ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەن ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش مىنىستىرلىقلارئارا بىرلەشمە يىغىنى ۋە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ