مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2022.03.31 23:21 مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى؛ ھۆكۈمەت زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلاپ، سۇ بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى؛ ھۆكۈمەت زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، سۇ بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىن باشلانغاندا، بارلىق يولداشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، «21-مارت» شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU5735 ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، تۆلەم بېرىش قاتارلىق كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئېنىقلاش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى يەنىمۇ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچى تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. بۇ يىل ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەندە، ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر كۆزدە تۇتۇلدى. 1-پەسىلدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ساقلاپ قېلىندى، بۇ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەتلەرنى بالدۇر چىقىرىش، تېز چىقىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىسىز تەدبىرلەرنى قوللانماي، دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ چوڭ ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرىدىغان لايىھەنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش — ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ماكرولۇق پىشاڭلىق نىسبىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش پىرىنسىپى بويىچە، بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس زايومى 3 تىرىليون 650 مىليارد يۈەن بولدى. دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مۇددەتتىن بۇرۇن 1 تىرىليون 460 مىليارد يۈەن چۈشۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، ئېشىپ قالغان مەخسۇس تۈر قەرز نورمىسىنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرۈپ، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۈرى كۆپ، زاپىسى يېتەرلىك رايونلارغا مايىللىشىش كېرەك. بۇلتۇر مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن سومما 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىلىپ بولىنىدۇ، بۇ يىل چۈشۈرۈلگەن سومما 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىلىپ بولىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، مەخسۇس زايومنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەم ھازىرقىغا، ھەم كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. مەخسۇس قەرزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ئۇنى قاتناش، ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرگە نۇقتىلىق ئىشلىتىش ئاساسىدا، مەلۇم پايدىسى بار ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق تۈرلەرگە مەدەت بېرىش كېرەك. مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەردە ئىش باشلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھات تەدبىرى، بازار ئۇسۇلى ئارقىلىق مەخسۇس قەرزنىڭ «كىچىك كۈچ ئارقىلىق چوڭ كۈچكە تۈرتكە بولۇش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قوللاش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چۆكمە بولۇپ بىكار تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، دۆلەت زايومى، يەرلىك زايوم تارقىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، مۇۋاپىق دۆلەت خەزىنىسى مەبلەغ كۆلىمىنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق مالىيە كۈچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ زايوم سېتىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئالاقىدار باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، زايومنىڭ تەرتىپلىك تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولسا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىدۇر. بۇ يىل يەنە بىر تۈركۈم پىلانغا كىرگۈزۈلگەن، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن تۈرلەر، جۈملىدىن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش داۋاملاشما قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور سۇ باشلاش، غول كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاش، سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلارغا باشقا سۇچىلىق تۈرلىرىنى قوشقاندا، پۈتۈن يىلدا تەخمىنەن 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلەرنىڭ يۈرۈشۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ