مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2022.03.31 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى پەيتىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ.

  «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قارار قىلىدىغان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى گۇۋاھنامىگە ئىمزا قويىدىغان ھەم تارقىتىپ بېرىدىغان ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، غايەت زور تۆھپە قوشقان، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيەدە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە بولغان ئارمىيەدىكى خادىملارغا بېرىلىدۇ. باھالاش، تارقىتىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، كۆرسەتكەن خىزمىتى، قوشقان تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇن ـ نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، شى جۇشى رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار، تىپلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتەك روشەن يۆنىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش دائىرىسى، شەرتى، سانى ۋە تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ كۆرسىتىپ، تۆھپە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەم، شەرتنى قاتتىق ئىگىلەپ، كۆرسەتكەن خىزمىتى گەۋدىلىك، نەمۇنىچى بولۇشقا مۇناسىپ بولغان يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تىپلىرىنى ھەقىقىي باھالاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يۈرۈشۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە خىزمەت كۆرسىتىش، نەمۇنىچىلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ