مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2021.12.24 12:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئومۇمىي يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرىدىن ھال سورىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك كېڭىشى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-چەت ئەل ئەلئارا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاق ۋە شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىردىنبىر فوندى جەمئىيەت. سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ «مەڭگۈ پارتىيە بىلەن بىللە بولۇش»تەك قەتئىي ئېتىقادىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي ئاساسىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

  تارىخىي ئورۇننى ئىگىلەپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋىي پاراۋانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە شانلىق پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قانۇن-نىزام بويىچە قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، فوند ۋە ئاممىۋىي پاراۋانلىق تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى بارغانسېرى يورۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، فوند جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى بىن، جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 7–نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جيارۇي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  يوۋ چۈەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش ئۇلۇغ مۇساپىسى خۇلاسىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر باش تېمىسىنىڭ تۈپ تەلىپىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تىنچلىق، بىرلىك، كەلگۈسى» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى بايلىقلارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، تەشەببۇسكارلىق ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.يىغىندا 7–نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتى، فوند باشقۇرۇش خىزمىتى دوكلاتى ۋە جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەش رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى. لى بىن جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 8 –نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە، لۇڭ مىڭبياۋ، ۋاڭ نىڭ، خاڭ يۈەنشياڭ، لى خۇيدۇڭ، شيې فېڭ، يۈ يەنخۇڭ، جىڭ دۈنچۈەن، يۈ چۈن، دىڭ جيې كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ