مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەش تەدبىرى بېكىتىلىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى؛ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2021.12.27 09:05 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەش تەدبىرى بېكىتىلىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى؛ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت–ئېكىسپورتى تېز ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، تاشقى سودا ئېنىقسىز، تۇراقسىز، تەڭپۇڭسىز ئامىللار كۆپىيىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋيۈەننىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىق، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈپ، دەۋرىيلىك ھالقىما تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يۆلەپ، تىرىشىپ زاكازغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىمپورت–ئېكسپورتقا بولغان سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، باج قايتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىچە ۋاقتىنى ئالتە خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش كېرەك. بانكىنى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ سۇغۇرتا تالونى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بانكىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پېرېۋوت راسچوت قىلىش- سېتىش كەسپىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنى سۇغۇرتىلاش ۋە تۆلەم بېرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مال چىقىرىشتىن بۇرۇنقى زاكازنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەرقىي قىسىم رايونلار بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار، شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەسىس قىلىش كېرەك. بىر تۈركۈم قىرغاقتىن ئايرىلىش سودىسى مەركىزىي شەھىرى (رايونى) يېتىشتۈرۈش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە چەت ئەل ئىسكىلاتىنى قۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا پارچە سېتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تىزىملىكىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورت تۈرىنى كېڭەيتش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، كارخانىلارغا قارىتىلغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى-تاشقى سودىدا ئوخشاش لىنىيە، ئوخشاش ئۆلچەم، ئوخشاش سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا يوللىرىنى كېڭەيتىش، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 2022-يىلى پىششىقلاپ ئىشلەش سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى سېتىشىدىن ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئېلىنىدىغان باج ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك. تاشقى سودا كارخانىلىرى بىلەن ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كېلىشىم ئىمزالىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش، كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك، ئۇششاق تاشقى سودا كارخانىلىرىنى ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. بەشىنچىدىن، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈم ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاپ، سودىنى تەڭشەش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلىدۇ. كارخانىلارنىڭ كېلىشىمنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش كېرەك. بىرىنچىدىن، كارخانىلارنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باجنى تۆۋەنلىتىش، رايون ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي جۇغلانما قائىدىسى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەۋزەل مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلار ئىمپورتىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش ۋەدىسى ۋە قائىدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رايون ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك، يېشىل كەسىپ زەنجىرى ۋە ياسىمىچىلىق تۈرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، خەلقئارادىكى ئىلغار قائىدىلەرگە توغرىلىنىپ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون ئىچىگە مەبلەغ، ئىختىساسلىقلارنى پائال كىرگۈزۈپ، خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈش ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇشقا قاتنىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەركىن سودا كېلىشىمى ئورنىتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېلىشىم قائىدىسىنى چۈشىنىش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، تالون قاتارلىق كەسىپلەشكەن مۇلازىمەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، كېلىشىمدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەزانىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى يولغا قويۇش ۋە كېلىشىمنى مېخانىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئاساسىي سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باشقا كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ