مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىسىدە خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش لازىم

2021.12.21 21:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئومۇميۈزلۈك، مۇتلەق بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن خەلق قۇرۇلتىيى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ كەيپىياتى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت يىغىنىدا دېموكراتىيە توغرىسىدىكى مەيدان، ئىدىيە، قاراشنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور ئىدىيەنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «دېموكراتىيە قارىشى» ۋە جۇڭگو سىياسىي تۈزۈمىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمى ۋە سۇپىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئەلرايى ئاساسىغا قۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «تۆت ئورگان»نىڭ ئورۇن بەلگىلەش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلغاندا بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ