مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى يولغا قويۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

2021.12.19 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشنى يولغا قويۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى يولغا قويۇش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش — پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇ خىزمەت كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى كەم-كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ياخشى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر بىلەن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تەڭشەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، فوند بىخەتەرلىكى، يۆتكەشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ۋە ئادىللىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ چىقىم مەسئۇلىيىتىنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت تۈزۈش، بېجىرىش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۇچۇر سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مەسئۇللىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە لياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ