شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 10 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ھەم جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2021.12.17 08:46 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 10 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ھەم جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 10 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ھەم جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  خۇاڭ كۇنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كەڭ ئاخباراتچىلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى پائال تارقىتىپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چىن قەلب بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى پائال يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاخباراتچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ يەننۇڭ ئېچىلىش سۆزى قىلدى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى يى خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. يىغىندا 31 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، چېن شى، جى بىڭشۈەن، شياۋ جيې، ليۇ چىباۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ