مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ «پۈتۈن يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2021.12.20 11:21 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12–ئاينىڭ 15–كۈنى كەچتە جۇڭنەنخەينىڭبىنەپشە راۋىقىدا «پۈتۈن يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنى سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنەيدې ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، تاۋشى، ABB، سۇڭشيا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، جياجى، لىتو، شىڭباكى، داجۇڭ قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك شىركەتنىڭ 30غا يېقىن مەسئۇلى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. لى كېچياڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ماختىدى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، شۇنداقلا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان بازار. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق. بىز تۈزۈم خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشى، جۈملىدىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش، قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ باج قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بازارلاشتۇرۇش چارىسى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى قوللايمىز. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇقەررەر يول. بىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، مەبلەغدەئىچكى-تاشقى كارخانىلارغا ئوخشاش قاراپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگونى ئۇزاققىچە كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرىمىز. ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارشى ئالىمىز.

  لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىنى ساقلايمىز. جۇڭگودا 150 مىليون بازار سۇبيېكتى بار بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بىز تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلايمىز؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرىمىز؛داۋاملىقبازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ماكرو سىياسەت تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرىكمە باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىىشىغا ياردەم بېرىمىز.

  يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، سەھىيە- ساغلاملىق، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنياغا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپ سىگنالىنى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ