جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. گو شىڭكۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەم مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ بىخەتەر، جەمئىيەت تېخىمۇ تىنچ، خەلق تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا، تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە 140 ئىلغار كوللېكتىپ، 129 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى، تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 60 شەھەر ۋە تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 160 ناھىيەگە نام تاختىسى ۋە نام بېرىلدى، 73 شەھەر، ناھىيەگە «ئەبەدىي ئەمىنلىك لوڭقىسى» بېرىلدى. تەقدىرلەنگەن تۆت ۋەكىل يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشتى.