مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

2021.12.17 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 24 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جەزمەن پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، 2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش، 2050 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ياخشى سېلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق دېگەن مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىپ، نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى دېگەن نېمە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈچىنچى، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، بەشىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئالتىنچى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، يەتتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سەككىزىنچى، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. يۇقىرىقى سەككىز نۇقتا بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بولۇپ، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى ياخشى قىلىش كېرەك. بىزنىڭ نىشانىمىز: 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىش - ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ توپلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرىدە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىغا ئىگە بولۇش؛ 2030 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلار تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، مۇھىم پەن - تېخنىكا ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم باشلامچىلار بولۇش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئالدىنقى سەپ گىرەلەشكەن ساھەلەردە بىر تۈركۈم يول ئاچقۇچىلار بولۇش؛ 2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئىختىساسلىقلار رىقابەت سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش. ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا بولىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى ۋە يېڭىچە تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق قوللاپ ۋە قۇرۇپ، خەلقئارا زور ئىلىم - پەن پىلانىنى باشلاپ، ئىختىساسلىقلارنى خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى ۋە ياۋا غاز سېپى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارغا ھوقۇق بېرىپ، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن باغلاقنى پائال بوشىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، كۆلىمى زور ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئىختىساسلىقلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىش، جانلىق ئىشلىتىش كېرەك. كەڭ ئىختىساسلىقلار پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ