شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2021.12.17 08:39 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىل ئاخىرلىشىش پەيتىدە سىز بىلەن بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ يەنە 2013 - يىلىدىن بۇيان بىزنىڭ 37 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. سىز نۇرغۇن سورۇنلاردا جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى «21 - ئەسىردىكى دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسى» دەپ تەرىپلىدىڭىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇردىڭىز. مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىللىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يېڭىدىن پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مۇھىم، زور قارالمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە رول تۇتۇپ يول باشلىدۇق. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى رەسمىي جاكارلىدۇق ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى يۈكلىدۇق، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي ھالدا بىر - بىرىمىزنى قوللاپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقى غايەت زور سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تۇنجى قېتىم 100 مىليارد دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، پۈتۈن يىلدا يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى. ئىككى دۆلەت چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پائال نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ توغرا ئىچكى خاس مەزمۇنىنى شەرھلەپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، رۇسىيە «2030 - يىلىدىن بۇرۇنقى دۆلەت تەرەققىيات نىشانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ئۆزئارا ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىيات قارالمىسىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، سىز جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىڭىزنى نامايان قىلماقچى بولۇۋاتىسىز. بېيجىڭ پات ئارىدا دۇنيادىكى ھەم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، ھەم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن تۇنجى شەھەرگە ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە، بىز «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. بىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، كېلەر يىلى ۋە كېيىنكى يىلى ئىككى يىلدا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يەنە جۇڭگو - رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى ئۆتكۈزىدۇ. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىدىغان كۆۋرۈك ۋە تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىزنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىڭىز يەنە بىزنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا كۆرۈشۈشىمىز بولىدۇ. مەن سىز بىلەن شۇ چاغدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز تېخىمۇ كۆپ يېڭى، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز. مەن بىزنىڭ «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىش»ىمىزنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ «بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىپ»، يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، يىغىندا بىر يېڭى تارىخىي قارار ماقۇللاندى ھەم ئېلان قىلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. مېنىڭ دائىم دەيدىغىنىم: بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ئىنتايىن ئاددىي - ساددا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بارلىق جۇڭگو خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتۇر. خەلقنى مەركەز قىلىش بىزنىڭ تۈپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەمىز. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئىككىلىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاپتى. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا رۇسىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. مەن سىز بىلەن دائىم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى سەمىمىي، چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارادىكى مەلۇم كۈچلەر «دېموكراتىيە»، «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ بىرلەشمە ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك سادا ياڭرىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىش قاتارلىق يەر شارىۋى مەسىلىلەردە ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولىدىغان لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز، «كۆپ تەرەپچىللىك» ۋە «قائىدە» تونىغا ئورىنىۋالغان زومىگەرلىك قىلمىشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى جانلىق شەرھلىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپ كۆپرەك چارە - ئامال تېپىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشى، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، «توسۇق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بىزمۇ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ۋىرۇس تەكشۈرۈش، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىق تورتىنى چوڭايتىشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا كەسپىي ھەمكارلىقىنى تېزلىتىشى كېرەك. جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئاساسى مۇستەھكەم، ماسلىشىش نۇقتىسى كۆپ، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ساقلانما مىقدارىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئېشىش مىقدارىنى تولۇقلاپ، يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى بىر يۈرۈش ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل 9 - ئايدا، مەن 76 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بازار خىرىسىنى كۆزلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ تەمىنلىگەن يەنە بىر يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  رايون ھەمكارلىقى توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە «شاڭخەي روھى»غا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئىككى تەرەپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرىنى تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتىشىنى قوللىشى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن رايون، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە داۋاملىق جانلىق، كۆپ خىل ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، رەھبەرلەرنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. بىز رۇسىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىمىز. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كېلەر يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى چوقۇم پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەمكارلىقى توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بار. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ھازىرقى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېموكراتىيە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئىنتىلىشى ۋە ئورتاق قىممىتى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە، دېموكراتىيەنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا پەقەت شۇ دۆلەت خەلقىلا باھا بېرەلەيدۇ. خەلقئارادىكى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشى كېرەك، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كېڭەيتىشنىڭ ئۆزى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى توغرا دېموكراتىيە قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى مىسلىسىز ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى نامايان قىلىپ، ئىچكى ئىشلارغا ئۆزئارا ئارىلاشماسلىق، بىر - بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، 21 - ئەسىردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتالدى. بۇ يىل «رۇسىيە - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو شەرتنامە مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىدى. ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قويۇق ئالاقىلىشىشنى ساقلاپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قانات يايدۇردى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشى خەلقئارادىكى ھەر خىل قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، خەلقئارانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئاكتىپ ئامىلغا ئايلىنىپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. مەن جۇڭگودا تېزرەك زىيارەتتە بولۇشنى ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، رۇسىيە تەرەپ ئەزەلدىن تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش سۇيىقەستىگە قارشى تۇرۇپ كەلدى. مەن شۇ چاغدا سىز بىلەن بىللە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئىقتىساد - سودا، نېفىت - گاز، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەر ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇدۇللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى ۋە كېيىنكى يىلى ئىككى يىلدا تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى يوللۇق مەيدانىنى ئەڭ قەتئىيلىك بىلەن قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى «كىچىك گۇرۇھ» تەشكىللەشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى قويۇق ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللايدۇ، رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يوللۇق تەرەققىيات مەنپەئىتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ، خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كېلەر يىلى 2 - ئايدا بېيجىڭدا كۆرۈشۈشكە كېلىشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ