مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​پارتىيە ئىچىدىكى نىزامنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم، زور رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

​ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى نىزام خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.12.21 23:47 مەنبە: خەلق تورى


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزامنى تەتبىقلاپ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزلۇقلۇقى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نىزامنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم، زور رولىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم، زور رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك پارتىيە ئىچىدىكى نىزام خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ئىچىدىكى نىزام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ چىڭىتىش، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ھەم ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ئاساسەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، ھەم پارتىيە ئىچىدىكى نىزامغا ئاساسەن پارتىيەنى باشقۇرۇشى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ھۆكۈم ۋە چوڭقۇر بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، سىچۇەن ئۆلكىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى قاتارلىق جايلار ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ