مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2021.12.20 09:10 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «شەخسلەرنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، تولۇق ئېچىۋېتىلگەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار تۈزۈمى قائىدىسىنى ئورنىتىپ، تاۋار مۇھىم ئامىلى بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، تۈرگە ئايرىپ قۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى پەن - تېخنىكا پائالىيىتىدە جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قىممەت مىزانى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ھاياتلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئادىل - ھەققانىي بولۇش، خەۋپ - خەتەرنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشنى ساقلاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق تۈزەيدىغان ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە كاپالەت مېخانىزمىنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىدىغان، شەخسلەر ئىختىيارىي قاتنىشىدىغان، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغان شەخسلەرنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، كارخانا (كەسىپ) يىللىق پۇلى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلاش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشىنى ئازايتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مىكرو ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى ئازايتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەتلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھا ئىسلاھاتى ۋە يەر، كاپىتال، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، بىلىم، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار توسۇقىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلار ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ئىستېمالچىلار ئەركىن تاللايدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىستېمال قىلىدىغان، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ بازار سىستېمىسىدا تۈزۈم - قائىدىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى يېتەرسىز بولۇش، مۇھىم ئامىللار بايلىقىنىڭ يۆتكىلىشى راۋان بولماسلىق، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۇرغۇزۇش بىلەن قالدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئاساسىي تۈزۈم - قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازار ئەسلىھەلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مۇھىم ئامىل ۋە بايلىق بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بازىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ بىردەكلىكى، قائىدىنىڭ بىردەكلىكى، ئىجرا قىلىشنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ئارقىلىق بايلىق توپلاش، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىش تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش، رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى تېزدىن ئېنىقلاپ بىكار قىلىش كېرەك. رايونلارنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالدىن قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، «كىم باشقۇرۇش»، «نېمىنى باشقۇرۇش»، «قانداق باشقۇرۇش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. «كىم تەكشۈرۈپ تەستىقلىسا، شۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، كىم مەسئۇل بولۇپ باشقۇرسا، شۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا قاتتىق تارتىش كېرەك. ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ساھەنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئالاقىدار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كارخانىلار ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. نۇرغۇن تارماققا چېتىلىدىغان، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولغان، خەۋپ - خەتىرى، يوشۇرۇن خەۋپى گەۋدىلىك بولغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىشلىرىدا تارماق ھالقىغان ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولىدىغان، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئىشتىن ئىلگىرىكى، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن ساھەلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ھەمدە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرى زور، جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا نۇقتىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قانۇن - نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە چەك قويۇش، كىرىشنى ئۆمۈرلۈك مەنئى قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى ياخشى باشقۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى كۆزلەپ، پەن، كەسىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پەن بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېڭىلىق يارىتىش بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەلىپىنى پەن تەتقىقات، تېخنىكا ئېچىش قاتارلىق پەن - تېخنىكا پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى قاپلاپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، قائىدە - تۈزۈم جەھەتتە تاقابىل تۇرۇشنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، پەن - تېخنىكا پائالىيىتى خەۋپ - خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى مەسىلىسىنى كېڭەيتىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال يۈزلىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. تۈزۈم لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، شەخسلەرنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى توپلىشىنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسى، مالىيە - باج سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى قائىدىسى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇقرالار كۆرۈپ ئېنىق بىلەلەيدىغان، چۈشىنەلەيدىغان، ياخشى مەشغۇلات قىلالايدىغان قىلىپ، قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش، تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچىگىلى ۋە تەكشۈرگىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ