مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.12.09 09:27 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ھەممە كىشى كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەشنى كۈرەش نىشانى قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلدى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپىلەرنى قوشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان بولغان يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇق ئىدارە قىلىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 335 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 160 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەردىن ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ