شى جىنپىڭ 2021 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىنىڭ (گۇاڭجوۋ) ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى

2021.12.06 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2021 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىنىڭ (گۇاڭجوۋ) ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. مۇشۇنداق پەيتتە، بىز ئىدىيە جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن «بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك» دېگەنىدىم. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ