مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 35-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

​قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.12.09 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  ■ دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

  ■ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ باش تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق

  ■ بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىقلارغا بولغان كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان تەلىپىنى قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  ■ قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاممىۋى سەھىيە، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان قانۇن-تۈزۈملەرنى تىرىشىپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە قانۇنشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا 35-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى يولداش شۈ شيەنمىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ باش تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇنچىللىقنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىقلارغا بولغان كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان تەلىپىنى قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بېكىتىلگەن خاراكتېرنى جەزمەن مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي بىلەن قانۇنچىللىق، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە كاللىنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇش، مەيدانى ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش، خەلققە بەخت يارىتىش، خەلقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاممىۋى سەھىيە، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان قانۇن-تۈزۈملەرنى تىرىشىپ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى سىياسىي كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت قانۇنى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن چىقىرىش سۈپىتىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى تۇتۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قانۇن چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت تارماقلىرى قانۇن چىقىرىش تەرتىپىگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇق چېكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھوقۇق ھالقىپ قانۇن چىقىرىش، تەكرار قانۇن چىقىرىش، قارىغۇلارچە قانۇن چىقىرىشتىن ھەقىقىي ساقلىنىپ، تارماقلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە يەرلىك قورۇقچىلىقنىڭ تەسىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش قاتارلىق كاپالەت مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت قانۇن-تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بايرىقى روشەن ھالدا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى كېرەك، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئارىلىشىشىغا، دېلولارغا قول تىقىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى، قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى، رېۋىزىيە ھوقۇقىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھوقۇقنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىستېمىسى مۇكەممەل، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى چەكلەش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، رېۋىزىيە ھوقۇقى، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، تەھقىقلەش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، ئەدلىيەلىك باھالاش، كېسىم قىلىش، مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتى قوشۇنىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق، دۆلەتكە سادىق، خەلققە سادىق، قانۇنغا سادىق سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق خىزمەت قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى چىرىكلىككە داۋاملىق قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇنچىللىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە قانۇنشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى قانۇنشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غايە-ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى كۈچلۈك، قانۇنشۇناسلىق ئاساسى پۇختا بولغان قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئادۋوكاتلار قوشۇنىغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئادۋوكاتلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقىنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق كەسىپ ئاساسىي تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ياخشى ئادۋوكات بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇننى ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، كەڭ ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەشكە، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى ئىزاھلاپ، جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، مۇھىم ۋەزىپە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ