مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2021.12.08 11:41 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، تەتقىق قىلىندى

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»غا قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ■ بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، بىز 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن تاماملاپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچى تېز تەرەققىي قىلدى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئەۋزەللىكى ئۆستى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

  ■ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ■ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئاڭلىق قوللىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جازالاپ چۆچۈتۈش، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش، ئاڭنى ئۆستۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە تېخىمۇ زور تۈزەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ■ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە مەخسۇس مەسئۇل بولىدىغان ئورگان، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، ۋۇجۇدقا كېلىپ يۈرۈشۈشى، ۋەزىپىسى، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇردى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە «نىزام»نى تۈزۈپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2022 -يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، 2022-يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، بىز 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن تاماملاپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى تېز تەرەققىي قىلدى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئەۋزەللىكى ئۆستى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك؛ ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، ساغلام، ئۈنۈملۈك بولۇش، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك؛ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دەل جايىدا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، جايىدا بولۇش، ھەرىكەتچانلىقى مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشنى ساقلاش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ مىكرولۇق سىياسەتتە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ قۇرۇلمىلىق سىياسەتتە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىنى قوللاپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پەن-تېخنىكا سىياسىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا، كەسىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، رايون مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك؛ جەمئىيەت سىياسىتىدە خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تۇغۇت سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، دائىم تۇرۇشلۇق جاي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يىل ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «ئىككى بايرام»نى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا، پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنى كۈچەپ داۋالاپ ساقايتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۆۋەت ئالمىشىشتىكى ئىنتىزام، كەيپىياتنى چىڭىتىپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش، ئۆز-ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈنئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئاڭلىق قوللىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جازالاپ چۆچۈتۈش، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش، ئاڭنى ئۆستۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە تېخىمۇ زور تۈزەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  يىغىندا 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىنى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچەئېچىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە مەخسۇس مەسئۇل بولىدىغان ئورگان، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، ۋۇجۇدقا كېلىپ يۈرۈشۈشى، ۋەزىپىسى، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇردى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە «نىزام»نى تۈزۈپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەشكىلىي سىستېما جەھەتتە يېڭى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى راۋانلاشتۇرۇشتا يېڭى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، سىستېمىلىق تۈزەشنى يولغا قويۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھوقۇق چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي تۈزۈم، يۈرۈشۈش شەكلى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسپىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ