مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 27-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.12.06 12:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا 27-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپى ئارقىلىق يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلاردا مۇھىم سۆز قىلىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ سىياسىي پىرىنسىپى، نىزام چىقىرىش نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئۈنۈملۈك رولى، يېتەكچى پىرىنسىپى، نىزام چىقىرىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشتا ئومۇمىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي ئېھتىياجنى كۆزلەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانىدۇر. جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن ئاخىرىغا تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى قانۇن چىقىرىش ئەمەلىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش شەكلىنى بېيىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى. قانۇن چىقىرىش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. قانۇن چىقىرىش شەكلىدىن قارىغاندا، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، قانۇن چىقىرىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن چىقىرىش ئەندىزىسى ۋە تەجرىبىلىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، يەرلىك قانۇن چىقىرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئىزدىنىپ، تەجرىبە-ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كونكرېت، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي پىرىنسىپنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، قانۇن چىقىرىش شەكلىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، قانۇن چىقىرىش مەزمۇنى، ماددا شەكلى، خىزمەت مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىش لازىم. تۆتىنچى، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ مەركەزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا، دەۋر ئالاھىدىلىكىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشىگە، خەلقنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئالتىنچى، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، يۇقىرى ساپالىق قانۇن چىقىرىش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش قوشۇنى ۋە قانۇن چىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن ئېشياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 نەپەر ئالاقىدار مەسئۇلى پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنى سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ