شى جىنپىڭ «2021-يىل سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى

2021.12.08 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا «2021-يىل سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا «2021-يىل سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، ئىنسانلار ئاز كۆرۈلىدىغان كۆپ خىل كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەر شارىۋى مەسىلىلەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، بىز ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بولۇش، كېڭىشىش-ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  − بىز جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلەشتىن ئىبارەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  − بىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەۋقەنى دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قويۇپ، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  − بىز دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەر شارىۋى ھەمكارلىق قارالمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەن يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋاكسىنا، تەرەققىيات مەبلىغى جۇغلاش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان بولغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى بىر مۇھىم تارىخىي تەجرىبە شۇكى، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلدى. جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق-ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ