مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەيدىغان ئەھۋاللارنى تۈگىتىش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ «14-بەش يىل»لىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش يىرىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2021.12.03 12:12 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12 -ئاينىڭ 1-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەيدىغان ئەھۋاللارنى تۈگىتىش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ «14-بەش يىل»لىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش يىرىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ئەھۋالىنى تۈزەش بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا بىۋاسىتە چېتىلىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ، كەسكىن مۇھىت ۋە يۇقۇمنىڭ كۆپ نۇقتىدا، تارقاق يۈزبېرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلى تېز ئاشتى، ۋاقتىدا بەرمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپەيدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپى بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ئەھۋالىنى تۈزەش سالمىقىنى قانۇن -بەلگىلىمە بويىچە زورايتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بازار ئەۋزەللىكى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، يامان نىيەت بىلەن قەرزنى كەينىگە سۆرەش قىلمىشىنى تۈزەش كېرەك. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىن مال، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت سېتىۋالغاندا مال، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەتنى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە پۇلنى تۆلىشى، ئۇزاق بولغاندا 60 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى سودا پېرېۋوت چېكى قاتارلىق نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىشىغا، سودا پېرېۋوت چېكىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ. چوڭ كارخانىلار يىللىق دوكلاتىدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۆلىمىگەن پۇلىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، يەرلىكنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمىگەن ئورگان، كەسپىي ئورۇن، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئاشكارىلاش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش پۇلىنى راسچوت قىلىشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى پۇلىنى تۆلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كېپىللىك خېتى(سۇغۇرتا)نى كاپالەت پۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. يىغىندا، «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ ئالاقىدار يانداشما سىياسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىسىنى تۈپتىن ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دېھقان ئىشلەمچىلەر ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشى تۈرلۈك تۈر، قۇرۇلۇش مەبلىغىنى راسچوت قىلىدىغان مەزگىل، قىشلىق مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ئەھۋالىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك سېلىنما ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى مەخسۇس ئىسچوتتا چىقىم قىلىش، قۇرۇلۇشنى پۈتۈن ھۆددىگە ئالغان ئورۇن ۋاكالىتەن تارقىتىش قاتارلىق كاپالەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك قىلمىشىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق جازالاپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتە زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق تولۇقلىما خاراكتېرلىك تەربىيەلىنىدىغانلار 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، بولۇپمۇ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن پايدىلىنىپ كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. «14 -بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، تۈرلۈك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ تەربىيەلەشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ ئاممىۋى ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا بولغان مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ