مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.12.07 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزدە دىننىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇقەررەر يول. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش ۋە يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلار تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھەرقايسى دىنلار ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، يەرلىكلەشتۈرۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا دۆلەت مەنپەئىتى، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتى ۋە ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ - ئادەتلەرنى قوغداپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغان دىنلا، پەقەت جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دىنلا، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىدە رولىنى پائال جارى قىلدۇرالايدۇ.

  دىننىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە دىننىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مەيلى يەرلىك دىن ياكى سىرتتىن كىرگەن دىن بولسۇن، ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋرنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تولۇقلىشى كېرەك. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، يادرولۇق قىممەت قارىشى بىر مىللەت تايىنىدىغان مەنىۋى رىشتە، بىر دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئەخلاق ئاساسى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دىنلارنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەت ئىناقلىقىغا، دەۋر تەرەققىياتىغا، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلىشىنى قوللاپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلارنى تېخىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىملىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىسىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنلار رايىشلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ تىرىشىپ دىن خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە مەدەت بېرىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىن ساھەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالاقە تورىدىكى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

  ئىتتىپاقلىق − كۈچ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كەڭ ئاممىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈپ مەنپەئىتى بىردەك بولۇپ، ھەممىسى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسى. يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، بىز چوقۇم ئورتاق كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ