مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2021.12.08 09:50 مەنبە: خەلق تورى

  ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش ئۈچۈن

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

  ■ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق مۇساپىسى ۋە رولىنى قايتا بىر قېتىم ئەسلەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، ئۈنۈملۈك بولۇش، مىكرولۇق سىياسەتتە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت سىياسىتىدە خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاشنى چۆرىدەپ، فۇنكسىيەسىنى پائال ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى يىغىن روھىنى ئورتاق كۈرەش قىلىشتىكى سىياسىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك

  ■ كېلەر يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. ھازىر، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق مۇساپىسى ۋە رولىنى قايتا بىر قېتىم ئەسلەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، ئۈنۈملۈك بولۇش، مىكرولۇق سىياسەتتە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت سىياسىتىدە خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاشنى چۆرىدەپ، فۇنكسىيەسىنى پائال ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى يىغىن روھىنى ئورتاق كۈرەش قىلىشتىكى سىياسىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 ـ سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى يۈ رۇسۇڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان پىلانلىشى، ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىمپورت ـ ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىچكى ـ تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىق جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، نوپۇس مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئېشىشقا پۇختا ئاساس سېلىش، قانۇنچىللىق كاپالىتى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مالىيە ـ باج جەھەتتىن قوللاش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى يېتەكچىلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدە «قابىللار باشلامچى بولۇش» خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلكە ئارا تۇتاش رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك سۆزىدە بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت ئىچى ـ سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ مەزگىلدە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. كۆپچىلىك «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ دۆلەتنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە دانا تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆرسەتتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يېڭىدىن باشلىدى. مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. ھازىر، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئۈچ نۇقتىدىن ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئەزالارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغاپ، دىققەتنى دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپى، دۆلەت پەن ـ تېخنىكىسىدىكى كەمتۈكلۈك، پەن ـ تېخنىكىنىڭ يادرولۇق ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈچىنچى، كۆپچىلىكنىڭ كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى سايلاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە لى يۆفېڭ، خۇاڭ رۇڭ، ما شۆپىڭ قاتارلىقلار بار.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ