مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى 7-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.11.25 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى سىجىل، يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى ۋە «بىر-بىرىگە بېقىنىدىغان» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى يېقىندا غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يەنە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق قارايدۇ: دېموكراتىيە مەلۇم دۆلەتنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، دېموكراتىيە زىننەت بۇيۇمى ئەمەس، دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى بار، دۇنيانىڭ مول، رەڭدار سىياسىي تۈزۈمىنى نوقۇل ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش، ئىنسانىيەتنىڭ رەڭگارەڭ سىياسىي مەدەنىيلىكىگە ئاددىي نەزەر بىلەن قاراشنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۆزى تاللىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان ئىشەنچى كامىل، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا كەلگەندە جۇڭگونى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-رۇسىيە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تۈپ مىزان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-رۇسىيە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بىرىنچى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا داۋاملىق دىققەت قىلىش كېرەك. قاراتمىلىق ھالدا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشۇش لازىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىش ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. تۆتىنچى، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش لازىم. «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلىشقا، زومىگەرلىككە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو ۋە دۆلەت دۇماسىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى مېلىنىكوف يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ