شى جىنپىڭ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى

2021.11.23 22:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم رىياسەتچىلىك قىلدى، «تەقدىرداش بولۇپ، ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

  □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ «تەقدىرداش بولۇپ، ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ 30 يىل، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا ئەندىزىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان 30 يىل بولدى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلىگەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغان 30 يىل بولدى. بىز سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تۇمانلىرىدىن قۇتۇلۇپ، رايون مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىدۇق. بىز شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2 مىلياردتىن ئارتۇق خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردۇق. بىز قوشنىلار ئىناق، دوستانە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان پارلاق يولدا مېڭىپ، كۈنسايىن قويۇقلىشىۋاتقان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئاتلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈن، بىز جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدۇق. بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 30 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ تۇتاشقانلىقىدەك ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا پائال ئۇيغۇنلىشىپ، توغرا تارىخىي تاللاش چىقارغانلىقىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ.

  بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىغا ئەمەل قىلدۇق. ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ئۆتۈش بىزنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىمىز. بىز باشلامچىلىق بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە «ۋەنلۇڭ روھى»نى تەشەببۇس قىلدۇق، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش ھەمراھلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدى بىلەن «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە ئەزا بولدى. بىز ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي ئالاقە ئارقىلىق چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئورتاق قوغدىدۇق ۋە ئەۋج ئالدۇردۇق.

  ئىككىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭدۇق. دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز. بىز رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن-ئاخىر دىققەتنى تەرەققىيات باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  ئۈچىنچى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتۇق. ئۆزئارا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ئورتاق ئەنئەنىمىز. بىز خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ، دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىپ، لەۋزىمىزدە تۇرۇپ، خۇشاللىقلارنى ئورتاق تەبرىكلەپ، قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ئۆزئارا ھەمدەم بولدۇق. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتتۇق.

  تۆتىنچى، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئېچىۋېتىلگەن رايونچىللىقنى ئورتاق بەرپا قىلدۇق. كۆپ مەنبەلىك سىغدۇرۇشچان بولۇش بىزنىڭ ئورتاق گېنىمىز. بىز شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيلىكىدىن ئەقىل-پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى رايون ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىغدۇرۇشچان روھىي ھالەت بىلەن ئېچىۋېتىلگەن، شۇنداقلا باشقىلارنى چەتكە قاقمايدىغان دوستلار چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 30 يىللىق قىممەتلىك تەجرىبىلەر جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس سالدى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەم يېڭى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلىدۇ، ئادەم ئۇزاق يىلدا.» جۇڭگو ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون رامكىسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى قوللايدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، جۇڭگو خەلقى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى رايون ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ كەلگۈسىدىكى جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بەش نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئورتاق ھالدا تىنچ ماكان قۇرۇش. تىنچلىق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز رايون تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، سۆزلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىققا تەھدىت سالىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئۆتۈپ، رايوننىڭ ئۇزاق تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي رايون قۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا يادرو قوراللىرىدىن خالىي رايون شەرتنامىسى» كېلىشىمنامىسىنى بالدۇرراق ئىمزالاشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، ئورتاق ھالدا خاتىرجەم ماكان قۇرۇش. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، دۇنيادا مۇتلەق بىخەتەر بولغان يېگانە ئارال مەۋجۇت ئەمەس، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىكلا ھەقىقىي بىخەتەرلىكتۇر. جۇڭگو تەرەپ «جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ساغلاملىق قالقىنى» ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى قوزغىتىشنى خالايدۇ: جۈملىدىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى يەنە 150 مىليون دانە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش فوندىغا يەنە 5 مىليون دوللار قوشۇپ بېرىپ، ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇداپىئە ئىشلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىزدا بىرلىشىپ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش، ئاپەتنى كونترول قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نەنخەي دېڭىزىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، نەنخەي دېڭىزىنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئورتاق ھالدا گۈللەنگەن ماكان قۇرۇش. مەن يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى ئارزۇسى 2025» بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرساق بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى يەنە 1 مىليارد 500 مىليون دوللار تەرەققىيات ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىشلىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرەققىيات بىلىم تورى قۇرۇشنى قوللاپ، نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ .0 3 نۇسخىسى قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق قوزغىتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد-سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، بۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا تىرىشىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىن 150 مىليارد دوللارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق، دېڭىز سودىسى يېڭى يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى قوزغىتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى 1000 تۈرلۈك ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى 300 ياش ئالىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. رەقەملىك ئىدارە قىلىش سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، ئورتاق ھالدا گۈزەل ماكان قۇرۇش. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە پىكىرلىشىش ۋە تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رايوننىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى تىپ ئۆزگەرتىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل پۇل مۇئامىلە ۋە يېشىل سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تۆۋەن كاربونلۇق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك يېشىل تەرەققىيات ھەرىكىتى پىلانىنى قوزغىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى بىرلەشمە تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بەشىنچى، ئورتاق ھالدا دوستانە ماكان قۇرۇش. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، يۇقۇمدىن كېيىن خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئويلىشىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، ئاياللار ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن كەسپىي مائارىپ، ئوقۇش تارىخىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلار سانىنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى، بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋالىمىز، جۇڭگو تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگودا قەدىمكىلەردە «ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى كۆزلىگۈچىلەر چوقۇم ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگۈچىلەر مۇقەررەر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، تىنچلىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن گۈزەل رايوننى ۋە دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى!

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان بىرۇنېينىڭ سۇلتانى خاسانئال ئۇچرىشىش يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى. كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن، مالايسىيا زۇڭلىسى ئىسمائىل، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، تايلاند زۇڭلىسى بايۈ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ يىغىنغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى لىن يۈخۇي قاتناشتى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تەرەققىي قىلىپ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە، ئەڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپنىڭ باشلامچىلىق بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ ھەم رەھمەت ئېيتىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىنى تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئومۇمىي يىرىك پىلانى 2025»نى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىللىك، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ھەمدە ئومۇم ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورنىتىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان 30 يىلىنى كۈتۈۋېلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

  ئۇچرىشىش يىغىنىدا «جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنى قوشما باياناتى» ماقۇللاندى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ