مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا يىغىن سۆزى قىلىندى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2021.11.25 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىلىپ سۆز قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ياڭ باۋجيەن، ۋاڭ گۇاڭچيەن، ۋۇ شياۋچىڭ، جاڭ يۈدۇڭ، جياۋ خۇڭ، جياڭ زوجۈن، لەي مىڭ، جېڭ جيەنمىن، يې چىڭ، يې شياۋگاڭ، ۋۇ چاڭدې، يۈ گوچۈن قاتارلىق 12 نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار ساھەلەرگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىك سۆزىدە بىردەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارارى»نى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى، قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق قارىدى: «قارار»دا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، جەزمەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  «قارار»دا «يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى بېكىتىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى بېكىتىش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى يەنىمۇ شەرھلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، «ئىككىنى قوغداش» ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «قارار»دا «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەتلىشىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق تارىخىدىن ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان سىياسىي تونۇش، ئىدىيەۋى تونۇش، نەزەرىيەۋى تونۇش، ھېسسىيات تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش لازىم. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنىڭ سۈپەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

  كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپ قۇرۇش — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قازىنىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپنىڭ تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك ۋە كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ