مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيە ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

زامانىۋى ئارقا سەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2021.11.25 09:12 مەنبە: خەلق تورى

  پۈتۈن ئارمىيە ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ سېپىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەممىدە ئۇرۇش قىلىشنى كۆزلەيدىغان ئارقا سەپنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە بۇرچ، ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يولداشلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئارقا سەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولۇشنى چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئارقا سەپ كاپالىتى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن ھەل قىلىپ، جاسارەت بىلەن قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى.

  ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە ئالاقىدار كارخانا رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ