مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تىل - يېزىقىدىكى نەشر نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2021.11.19 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تىل - يېزىقىدىكى نەشر نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 - تومىنىڭ ھىندى يېزىقى، پۇشتۇ يېزىقى، دارى يېزىقى، سىنگال يېزىقى، ئۆزبېك يېزىقى، 2 - تومىنىڭ ئۆزبېك يېزىقى ۋە «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى» «شى جىنپىڭ ”بىر بەلباغ، بىر يول“ توغرىسىدا»نىڭ رۇس يېزىقى نۇسخىسى قاتارلىق سەككىز خىل يېڭى كىتاب تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلىشىغا توغرا كەلدى، پەيتى ئىنتايىن ئالاھىدە، ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. 6 - ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، 100 يىللىق كۈرەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، پارتىيە كۈچىنىڭ ئاچقۇچى يادرودا. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى، جۇڭگو خەلقى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان داھىي، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەر جۇڭگو خەلقى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان ئىدىيە خەزىنىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، بىخ سۈرۈشى، ئەمەلىيەت مەنبەسى، تەرەققىيات تومۇرى ۋە مۇھىم مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇنىڭغا قەتئىي بولغان خەلقچىل مەيدانى، خەلققە بولغان سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشى نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ بۈيۈك ئىناق - ئېجىللىقىنى كۆزلەش، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشتەك كەڭ قورساقلىقى نامايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر مۇھىم «ئىدىيە كۆزنىكى» ئېچىپ بەردى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر ئىماموۋىچ نوروۋ قاتارلىق چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرى شەرھلەنگەن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگونى چۈشەندۈرىدىغان، ئانالىز قىلىدىغان «ئاچقۇچ»، بۇنىڭدىن جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى چۈشەنگىلى، جۇڭگو پەلسەپەسى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە پايدىلىق.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى ۋە جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا تارقىتىش مەركىزى (خەلق رەسىملىك ژۇرنىلى ئىدارىسى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى لى خۇي، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دۇ جەنيۈەن، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، سىرى لانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەم جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  پائالىيەتتە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىرلىكتە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يېڭى كىتابلارنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ يەنە چەت ئەللىك مېھمانلارغا يېڭى كىتاب ھەدىيە قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ