مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك

2021.11.24 12:37 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، سىلىق ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىدا، لى كېچياڭ بۇ جاينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق سېلىنما، سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: سىلەر مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، داۋاملىق ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولدۇڭلار. لى كېچياڭ ۋەيگاۋچياۋ خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق مۇلازىمەت كەسپى باغچە رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، نۇرغۇن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردۇق، مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكى بارغانسېرى قىسقاردى، سىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا تەرەققىي قىلدىڭلار، بۇنى ھېس قىلالىشىڭلار كېرەك. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇ ھەم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى جۇڭگودا خاتىرجەم مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كارخانىلىرى دۇنياغا يۈزلىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. پات ئارىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان RCEP دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنى شەكىللەندۈرىدۇ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن تېخىمۇ زور دەرىجىدە ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ شاڭخەي ۋەيگاۋچياۋ 3-توك تارقىتىش شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تەدبىر قوللىنىپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خەلق تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توك تارقىتىش كارخانىلىرى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، جۈملىدىن دۆلەتنىڭ كۆمۈر، توك كارخانىلىرىنىڭ بېجىنى كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توك، كۆمۈر بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بەزى جايلاردا توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېڭى «توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش» ئەھۋالى كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەبىئىي شارائىتى كۆمۈر ئاساس قىلىنغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان مەخسۇس تۈردىكى قايتا قەرز بېرىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى پىشقان ئىلغار تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. مەركىزىي مەشىق نەق مەيدانىدا، لى كېچياڭ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلھام بېرىپ مۇنداق دېدى: ھازىر يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كەمچىل، سىلەرنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تېخنىكىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لى كېچياڭ نەق مەيداندىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقى، دۆلەتنىڭ قانداق سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. كۆپچىلىك بىردەك كارخانىلارغا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىڭلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىمىز، بۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئىشەنچىڭلار تېخىمۇ ئاشىدۇ. داۋاملىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ئارزۇسىنى چۆرىدەپ سىياسەت تۈزۈپ، بازار سۇبيېكتىدىن ئىبارەت بۇ «يېشىل تاغ»نى ساقلاپ قالغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مول، خەلقى ئەمگەكچان، تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، سىجىل تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ شاڭخەينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، داۋاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ