مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

2021.11.22 12:19 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق، دەل جايىدا تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەكپارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 11–ئاينىڭ 18–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بىر قاتار مۇھىم خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار تارىخنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش تەلىپى ۋە 6-ئومۇمىي يىغىننى ياخشى ئېچىش، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ياخشى تەييارلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش يولىدىكى قەتئىي كۈرىشىنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى ئېنىق، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. لېكسىيەگە قاتناشقان يولداشلار سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۇختا دەرس تەييارلاپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، لېكسىيەدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز تەشۋىقات-مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ