مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئىچى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.11.16 21:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئىچى مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا ھەم زور تەرەققىيات دەۋرى، ھەم زور ئۆزگىرىش دەۋرى. يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيەت، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشقا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج. مەن جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئىچى مۇنبىرىنى جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈگۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلب رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۆۋرۈكى، جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئىچى دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ