مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.11.19 08:46 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيلىكى بار، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇرغان. جۇڭگو - ئىسرائىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېز، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى تامامەن ئېلىپ بارالايدۇ. بەزى جۇڭگو كارخانىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى، ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى جۇڭگوغا كېلىپ ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ خەيفا يېڭى پورتى، جۇڭگو - ئىسرائىلىيە چاڭجۇ يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى، شاڭخەي يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى بەرپا قىلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە تۈرتكۈچىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى خالايدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  خېرزوگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن يۈكسەك ھۆرمىتى بار، جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل. ئىسرائىلىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ يەھۇدىي مۇساپىرلىرىغا قىممەتلىك ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىسرائىلىيە - جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، پەن - تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئىككى تەرەپ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچ بىللە تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئوتتۇرا شەرق تەرەققىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ