شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2021.11.18 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تولۇق، چوڭقۇر سۆزلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ «يەر شارى كەنتى»مۇ نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەم ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، ھەم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تىنچ، مۇقىم بولغان خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش، جۈملىدىن كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىۋى خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەممىسى ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە موھتاج. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، تىنچ بىللە تۇرۇشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ پائال ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن 50 يىلدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى بىر ئەڭ مۇھىم ئىش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا بەخت ياراتقانلىقى بولدى. كەلگۈسى 50 يىلدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش شۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ توغرا يولىنى جەزمەن تېپىپ چىقىشى كېرەك. تارىخ ئادىل، بىر سىياسىيوننىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرى مەيلى توغرا ياكى خاتا، تۆھپە ياكى سەۋەنلىك بولسۇن، تارىخ ھەممىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئاقىلانە، ئەمەلىي يولغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەندە، يېڭى مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چىقىشىپ ئۆتۈشتە مۇنداق ئۈچ نۇقتىلىق پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك: بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش. بىر - بىرىنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئىككىنچى، تىنچ بىللە تۇرۇش. توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق ئىككى تەرەپ جەزمەن چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش»ىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭغا يەنە تىنچ بىللە تۇرۇش دېگەن سۆزنى قوشساق بولىدۇ. ئۈچىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. يەر شارى يېتەرلىك چوڭ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى سىغدۇرالايدۇ. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشماسلىق، بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تۆت جەھەتتىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك: بىرىنچى، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ گەۋدىلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى بەلكىم ھەممىگە قادىر بولۇشى ناتايىن، ئەمما جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەشەببۇسنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئامېرىكا تەرەپنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. مەن كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشنى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، ئىككى تەرەپ ئارمىيەسى، قانۇن ئىجرا قىلىش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، تور، مۇھىت قوغداش، يەرلىكلەر ئالاقىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەدە كەڭ ئورتاق مەنپەئىتى بار، بار - يوقىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى «تورت»نى زورايتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد - سودا، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، كىلىمات ئۆزگىرىشى كوللېكتىپى قاتارلىق سۆزلىشىش يوللىرى ۋە مېخانىزم سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئىجابىي ئۇسۇل بىلەن باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىپ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ناھايىتى تەبىئىي ئىش، ئاچقۇچلۇقى ئىجابىي باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، كېڭەيتىۋېتىش، كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆتىنچى، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. دۇنيا تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دېڭىزدا كېتىۋاتقان غايەت زور ئىككى پاراخوت، بىز رولنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى غايەت زور پاراخوتنى بوران - چاپقۇنغا قارشى ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز، نىشاندىن ئادىشىپ كەتمەسلىكىمىز، سۈرئەت كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز يېقىندىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدۇق. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەل جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بولدى. بىز بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، لېكىن بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، يەنە داۋاملىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، دەپ ئوچۇق ئېيتقانىدىم. جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ زور ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شۇنداقلا بىر مۇقەررەر تارىخىي يۈزلىنىش، كىم بۇ تارىخىي يۈزلىنىشنى توسىماقچى بولىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، شۇنداقلا بۇنى ھېچكىم ئەسلا توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگونىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش بىر ئېغىر، زور خىرىس، شۇنداقلا بىر مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت. مېنىڭ پوزىتسىيەم «ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق».

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيۈپ كەلدى، ئىناقلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىدا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان، زومىگەر بولىدىغان، زومىگەرلىك قىلىدىغان گېن يوق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرەر مەيدان ئۇرۇش ياكى توقۇنۇش قوزغاپ باقمىدۇق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدۇق. جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئۆزىنىڭ يولىنى بازارغا سېلىش ئويى يوق، ئەكسىچە بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىشىغا ئىزچىل ئىلھام بېرىپ كەلدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە روشەن بەلگىسى. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى مەقسىتىمىز − ئىچكى بازارنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ چوڭ بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىدېئولوگىيەدە ئايرىمچىلىق قىلىش، لاگېرغا بۆلۈنۈش، گۇرۇھلار قارشىلىشىش بىلەن شۇغۇللانساق، ئاقىۋەتتە دۇنيا مۇقەررەر بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنىڭ تەجرىبە - ساۋىقىغا ئۇزاق بولمىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى يېڭى بىر نۆۋەت جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، سەۋەبى تەيۋەن دائىرىلىرى قايتا - قايتا «ئامېرىكىغا تايىنىپ مۇستەقىل بولۇش»قا ئۇرۇندى، ھالبۇكى ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر مەقسەتلىك ھالدا «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ يۈزلىنىش ئىنتايىن خەتەرلىك، ئوت بىلەن ئويناشقانلىق بولۇپ، ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە ئېنىق ۋەدە بەرگەن. تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە بىر جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەزمۇنى مۇنداق: دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىزنىڭ سەۋر - تاقىتىمىز بار، ئەڭ زور سەمىمىيىتىمىز، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز، لېكىن، ئەگەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ مەجبۇرلىسا، ھەتتا قىزىل سىزىقتىن بۆسۈپ ئۆتسە، بىز كەسكىن تەدبىر قوللىنىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيلىك مول ۋە رەڭدار بولىدۇ، دېموكراتىيەمۇ مول ۋە رەڭدار بولىدۇ. دېموكراتىيە مەخسۇس بۇيرۇتۇلغان بىر خىل مەھسۇلات ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا بىرلا ئەندىزە، بىرلا ئۆلچەم بولمايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ئۆزى باھا بېرىدۇ. ئەگەر دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەتكە قېقىلسا، بۇنىڭ ئۆزىلا دېموكراتىك بولمىغان قىلمىشتۇر. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز، لېكىن بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى قوللىمايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى قوغدىشى كېرەك. ئەگەر جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى بولمىسا، كۆپ تەرەپچىللىكمۇ مۇكەممەل بولمايدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتۇر، سودىدا سودىنىڭ گېپىنى قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق «تورت»ىنى زورايتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگوغا كەلگەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىدىكى «تېز، قولاي يول»نى يولغا قويۇشقا قوشۇلدى، ئىشىنىمەنكى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنى بېسىشنى توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى ئالاقىسىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى قوللىشى زۆرۈر. ئامېرىكا تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاشما ئېففېكتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتچان ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى قوللىنىشى كېرەك.

  ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەر شارىۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تەبىئىي گاز ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىلگىرى قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھازىر ئىككى دۆلەت يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى تامامەن جۇڭگو - ئامېرىكا يېڭى ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلىنالايدۇ. مەن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھازىر، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى جۇڭگودا ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت سەرپ قىلىپ كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ھەجىمدە تۆۋەنلىتىشنى تاماملايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو گېپىدە تۇرۇش، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېگىنىنى قىلىدۇ، قىلالمايدىغىنىنى دېمەيدۇ. جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىدىغان، ئەيىبلەيدىغان ئىشنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك. شوئار توۋلىغاندىن ھەرىكەتكە كەلگەن تېخىمۇ ئەلا. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

  ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ بەكرەك ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئىش يوق. ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى. ئېغىر، زور يۇقۇمغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئىلمىي پوزىتسىيە قوللىنىش زۆرۈر، كېسەللىك مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ زىيىنى باركى، پايدىسى يوق. يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ۋاكسىنا قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش، «ۋاكسىنا ھاڭى»نى تۈگىتىشتىن ئىبارەت. مەن بۇلتۇر يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم ھەم يېقىندا يەر شارىۋى ۋاكسىنا ھەمكارلىق ھەرىكىتى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن ئېھتىياجى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدى، تەمىنلىگەن ۋاكسىنا ۋە ۋاكسىنا ئەسلىي سۇيۇقلۇقى جەمئىي 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئاشتى. بىز يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، يېڭىدىن ھەدىيە قىلىشنى كۆپەيتىمىز. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى بولۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بايدېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا - جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھەممىسىگە مەسئۇلىيىتى بار. ئىككى تەرەپ سەمىمىي، ئەستايىدىل ۋە ئوچۇق سۆزلىشىش ئارقىلىق، بىر - بىرىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت رىقابىتىنىڭ ئادىل، ساغلام بولۇشىغا، توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تارىخ ئادىل، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقىلا بولىدۇكى، بۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، دېگەن سۆزىگە قوشۇلىمەن. جۇڭگو 5000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا بىر چوڭ دۆلەت ئىدى. مەن ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش مەقسىتى يوق، دەپ ئېنىق قايتا تەكىتلەشنى خالايمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىزچىل بولغان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە تۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتىپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي شەكىلدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى بىردەك بولغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىپ، بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان، ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش سەمىمىي، ئىجابىي، ماھىيەتلىك ۋە مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىجابىي كۆزلىمىسىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال تارقىتىشقا پايدىلىق. ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش توغرا يولىغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ