مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2021.11.22 09:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​«دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» «ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى» ۋە «دۆلەت پەن - تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ 2021 - يىللىق مەسلىھەت بېرىش دوكلاتى»نى قاراپ چىقتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى(2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»، «ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى» ۋە «دۆلەت پەن - تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ 2021 - يىللىق مەسلىھەت بېرىش دوكلاتى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا جەزمەن ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. جەزمەن پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك بىرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايون، چېگرا، ئەتراپنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى قوغداش؛ بىخەتەر تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئومۇمىي جەڭدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەزمەن سىياسىي بىخەتەرلىكنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكى، يېڭىچە ساھە بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق يۆنىلىشتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلەت ھاكىمىيىتى بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكى، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تۈرلۈك سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكى، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چەت ئەلدىكى مەنپەئەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى پائال قوغداپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئازايتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ياخشى تاشقى مۇھىتنى پائال يارىتىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە - ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى مەسىلىسىدە قەتئىي يول قويماسلىق، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، پەن - تېخنىكا تۈرتكىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامى»نى تۈزۈش پارتىيەنىڭ ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەربىي ئىشلار كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئارمىيەمىزنىڭ قورقماس قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە قەيسەر، باتۇرانە كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھلۇق، قابىلىيەتلىك، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئەقىدە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىمنى تاۋلاپ چىقىپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تىپلار ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، تۆھپە - نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆلچەمنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆگەنگىلى، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان، ئىنتىلگىلى، يەتكىلى بولىدىغان تىپلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردە خىزمەت كۆرسىتىش، نەمۇنىچىلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئارمىيەمىزنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تەمىنات سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، لايىھەلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت پەن - تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەت پەن - تېخنىكا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىپ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۈچۈن پائال ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تەدبىرلىرىنى بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا تەتقىق قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولى بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، پەن - تېخنىكا كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم، زور تەخىرسىز مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ