خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11–ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋىقىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11–ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋىقىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا يېقىن قوشنىلار، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. باش ۋەزىر ئەپەندى بۇلتۇر جۇڭگودا يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ۋاقىتتا، كېلىشكىنى بويىچە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن كۆرۈشتى. سىزنىڭ زىيارىتىڭىز كامبودژانىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، كامبودژانىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كامبودژا بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ۋە جۇڭگو-كامبودژا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى زورايتىپ، كامبودژانىڭ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كامبودژانىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون قۇرۇلمىسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى قەتئىي قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىشىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا-جۇڭگو يېقىن دوستلاردىن، ئىككى تەرەپ جاپالىق پەيتتە باشتىن-ئاخىر قەتئىي بىر سەپتە تۇردى. كامبودژا جۇڭگونىڭ كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن كامبودژا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئوخشاشلا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يۇقۇم تەسىرىنى يېڭىپ، پائال ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. كامبودژا جۇڭگو بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كامبودژا-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كېلەر يىلى ئۆز قەرەلىدە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كامبودژا جۇڭگو بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا–ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى