مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.11.18 09:04 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ) ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ، قانۇنچىللىقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانداق يولغا قويۇلىدۇ قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

  «پىروگرامما» جەمئىي 13 باب، 49 تارماق، 128 ماددا بولۇپ، 70 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «پىروگرامما»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، پۇختا بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم نوپۇزلۇق قوشۇمچە ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن «پىروگرامما»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئارقىلىق قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ