مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-لىۋان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ لىۋان زۇڭتۇڭى ئائون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.11.10 21:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىۋان زۇڭتۇڭى مىچېل ئائون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-لىۋان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن لىۋاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو-لىۋان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئائون بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لىۋان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق لىۋان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

  ئائون تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لىۋان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىجابىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. لىۋان جۇڭگونىڭ لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقىغا، لىۋاننىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىغا، لىۋاننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. لىۋان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، لىۋان-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ